ixxan/mms-tts-uig-script_arabic-UQSpeech
Text-to-Audio • 36.3M • Updated
• 122 • 3
path audioduration (s) 0.65 10 | sentence stringlengths 3 144 |
|---|---|
بىرىنچى سۈرە سۈرە فاتىھە | |
مەككىدە نازىل بولغان يەتتە ئايەت | |
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن | |
جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر | |
ئاللاھ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىباندۇر | |
قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر | |
رەببىمىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز | |
بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن | |
غەزىۋىڭگە يولۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا باشلىغىن | |
ئىككىنچى سۈرە سۈرە بەقەرە مەدىنىدە نازىل بولغان ئىككى يۈز سەكسەن ئالتە ئايەت | |
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن | |
ئەلىف لام مىم | |
بۇ كىتاپتا يەنى بۇ قۇرئاندا ھېچ شەك يوق ئۇ تەقۋادارلارغا يېتەكچىدۇر | |
ئۇلار غەيپكە ئىشىنىدۇ نامازنى ئادا قىلىدۇ ئۇلار بىز بەرگەن مالمۈلۈكتىن خۇدا يولىدا سەرپ قىلىدۇ | |
ئۇلار ساڭا نازىل قىلىنغان كىتاپقا | |
سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلىنغان كىتاپلارغا ئىشىنىدۇ ۋە ئاخىرەتكە شەكسىز ئىشىنىدۇ | |
ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ توغرا يولىدا بولغۇچىلاردۇر ئەنە شۇلار بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر | |
شۈبھىسىزكى كاپىرلارنى ئاگاھلاندۇرامسەن ئاگاھلاندۇرمامسەن بەرىبىر ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ | |
ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ۋە قۇلاقلىرىنى پېچەتلىۋەتكەن ئىماننىڭ نۇرى كىرمەيدۇ | |
ئۇلارنىڭ كۆزلىرى پەردىلەنگەن | |
ھەقىقەتنى كۆرمەيدۇ ئۇلار ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاپقا دۇچار بولىدۇ | |
كىشىلەر ئارىسىدا ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەندۇق دېگۈچىلەر بار | |
ھەقىقەتتە ئۇلار ئىشەنمەيدۇ يەنى ئاغىزىدا ئىشەندۇق دېگىنى بىلەن كۆڭلىدە ئىشەنمەيدۇ | |
ئۇلار ئاللاھنى ۋە مۆمىنلەرنى ئالدىماقچى بولىدۇ | |
ھەقىقەتتە ئۇلار تۇيماستىن ئۆزلىرىنىلا ئالدايدۇ | |
ئۇلارنىڭ دىللىرىدا كېسەل بار يەنى مۇناپىغلىق ۋە شەكلىنىش بار ئاللاھ ئۇلارنىڭ كېسىلىنى كۈچەيتىۋەتتى | |
يالغان سۆزلىگەنلىكلىرى ئۈچۈن ئۇلار قاتتىق ئازاپقا دۇچار بولىدۇ | |
يەنى يالغاندىن ئىماننى دەۋا قىلغانلىقلىرى | |
ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۇلار قاتتىق ئازاپقا دۇچار بولىدۇ | |
ئۇلارغا يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار دېيىلسە بىز ئىسلاھ قىلغۇچىلارمىز دەيدۇ | |
بىلىڭلاركى ئۇلار ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلاردۇر | |
لېكىن بۇنى ئۆزلىرى تۇيمايدۇ | |
ئۇلارغا يەنى ئۇ مۇناپىقلارغا ئىمان ئېيتقان كىشىلەردەك ئىمان ئېيتىڭلار دېيىلسە | |
يەنى ساھابىلەردەك چىن كۆڭلۈڭلار بىلەن ئىمان ئېيتىڭلار دېيىلسە | |
بىز ئىمان ئېيتقان ئەخمەقلەرگە ئوخشاش ئىمان ئېيتامدۇق دەيدۇ | |
بىلىڭلاركى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىلا ئەخمەقلەر لېكىن بۇنى ئۇلار تۇيمايدۇ | |
ئۇلار مۆمىنلەر بىلەن ئۇچراشقىنىدا بىز ئىمان ئېيتتۇق دېيىشىدۇ | |
شاياتۇنلىرى بىلەن يالغۇز جايدا تېپىشقاندا بولسا يەنى مۇناپىق كاتىۋاشلىرى بىلەن يالغۇز جايدا تېپىشقاندا بولسا | |
بىز ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللىمىز | |
پەقەت تىلىمىزنىڭ ئۇچىدىلا ئىمان ئېيتىپ قويۇپ مۆمىنلەرنى مەسخىرە قىلىمىز دەيدۇ | |
مەسخىرە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارنى جازالايدۇ | |
ئۇلارنى گۇمراھلىقلىرىدا قويۇپ بېرىدۇكى ئۇلار تېڭرىقىغان ھالدا يۈرۈشىدۇ | |
ئەنە شۇلار ھىدايەتنى بېرىپ گۇمراھلىقنى ئالدى | |
شۇڭا سودىسى پايدا كەلتۈرمىدى ئۇلار ھىدايەت تاپقۇچى بولمىدى | |
ئۇلار گوياكى كېچىدە ئىسسىنىش ۋە يورۇغلۇق ئېلىش ئۈچۈن ئوت ياققان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ | |
ئوت ئۇلارنىڭ ئەتراپىنى يورۇتقاندا ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئوتىنىڭ يورۇقىنى ئۆچۈرۈۋەتتى | |
ئۇلارنى ئەتراپىدىكى ھېچ نەرسىنى كۆرەلمەيدىغان قاراڭغۇلۇقتا قالدۇردى | |
ئۇلار گاستۇر يەنى گاس ئاڭلىمىغاندەك ياخشىلىقنى ئاڭلىمايدۇ | |
گاچىدۇر يەنى گاچا سۆزلىيەلمىگەندەك ياخشى ئىشنى سۆزلىيەلمەيدۇ | |
كوردۇر يەنى كور بولۇپ قالغاندەك توغرا يولنى كۆرمەيدۇ | |
شۇڭا ئۇلار گۇمراھلىقتىن قايتمايدۇ | |
ياكى ئۇلار زۇلمەتلىك گۈلدۈرمامىلىق ۋە چاقماغلىق قاتتىق يامغۇردا قالغان | |
گويا چاقماق سوقۇۋېتىپ ئۆلۈپ كېتىشتىن قورقۇپ قۇلاقلىرىنى بارماقلىرى بىلەن ئېتىۋالغان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ | |
ئاللاھ كافىرلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر يەنى ئۇلارنىڭ ھەممە ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر | |
چاقماق چاققاندا ئۇلار كۆز نۇرىدىن ئايرىلىپ قالغىلى تاس قالىدۇ | |
ئۇلار چاقماق يورۇغىدا مېڭىۋالىدۇ | |
قاراڭغۇلۇق قاپلىغاندا تۇرۇپ قالىدۇ | |
ئاللاھ خالىسا ئىدى ئۇلارنى ئاڭلاش ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىدىن ئەلۋەتتە مەھرۇم قىلاتتى | |
ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر | |
ئەي ئىنسانلار | |
تەقۋادارلاردىن بولۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى ۋە سىلەردىن بۇرۇنقىلارنى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار | |
يەنى سىلەرنى ۋە ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار | |
ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى تۆشەك ۋە ئاسماننى بىنا قىلىپ بەردى | |
يەنى ئاسماننى يۇلتۇزلارنىڭ زىچلىغىدا بىناغا ئوخشاش قىلىپ بەردى | |
بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى | |
سىلەرگە رىزىق بولۇش ئۈچۈن يامغۇر ئارقىلىق تۈرلۈك مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردى | |
ئەمدى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەڭلار ھالبۇكى سىلەر ئاللاھنىڭ شېرىكى يوقلۇغىنى بىلىپ تۇرىسىلەر | |
بەندىمىزگە نازىل قىلغان قۇرئاندىن يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامغا نازىل قىلغان قۇرئاندىن شەكلەنسەڭلار | |
قۇرئانغا ئوخشاش بىر سۈرىنى مەيدانغا چىقىرىپ بېقىڭلار | |
قۇرئانغا تەئەررۇز قىلىشتا ئاللاھتىن باشقا ياردەمچىڭلارنىڭ ھەممىسىنى ياردەمگە چاقىرىڭلار | |
قۇرئان ئىنساننىڭ سۆزى دېگەن گېپىڭلاردا راستچىل بولساڭلار | |
ئەگەر مۇنداق قىلالمىساڭلار ھەرگىزغۇ قىلالمايسىلەر | |
كاپىرلار ئۈچۈن تەييارلانغان ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان دوزاختىن ساقلىنىڭلار | |
ئەي مۇھەممەد | |
ئىمان ئېيتقان | |
ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن | |
ئۇلار جەننەتنىڭ بىرەر مېۋىسىدىن رىزىقلاندۇرۇلغان چاغدا بۇنىڭ بىلەن بۇرۇن دۇنيادىمۇ رىزىقلاندۇرۇلغان ئىدۇق دەيدۇ | |
ئۇلارغا كۆرۈنۈشى دۇنيانىڭ مېۋىلىرىگە ئوخشايدىغان تەمى ئوخشىمايدىغان مېۋىلەر بېرىلىدۇ | |
جەننەتلەردە ئۇلارغا پاك جۈپتىلەر بېرىلىدۇ يەنى ھۆرلەر بېرىلىدۇ | |
ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ | |
ئاللاھ ھەقىقەتەن پاشا ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك نەرسىلەرنى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈشتىن تارتىنىپ قالمايدۇ | |
مۆمىنلەر بولسا ئۇنى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل بولغان ھەقىقەت دەپ بىلىدۇ | |
كاپىرلار بولسا ئاللاھ بۇ نەرسىلەرنى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈشتىن نېمىنى ئىرادە قىلىدۇ دەيدۇ | |
ئاللاھ بۇ مىسال بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇرىدۇ ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنى ھىدايەت قىلىدۇ | |
يەنى نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۇنى ئىنكار قىلغانلىقتىن ئازدۇرىدۇ | |
ۋە ئۇنى تەستىقلىغانلىقىدىن نۇرغۇن كىشىلەرنى ھىدايەت قىلىدۇ | |
شۇ ئارقىلىق پەقەت پاسىقلارنىلا ئازدۇرىدۇ | |
پاسىقلار ئاللاھ ۋەدە ئالغاندىن كېيىن بەرگەن ۋەدىسىنى بۇزىدۇ | |
ئاللاھ ئۇلاشقا بۇيرۇغان شەيئىنى ئۈزۈپ قويىدۇ يەنى سىلەرەھىم قىلمايدۇ | |
يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر | |
ئاللاھنى قانداقمۇ ئىنكار قىلىسىلەركى جانسىز ئىدىڭلار ئاللاھ سىلەرگە جان بەردى | |
يەنى ئاتاڭلارنىڭ پۇشتىدا ئاناڭلارنىڭ قارنىدا ئابىمەنى ئىدىڭلار | |
كېيىن ئەجىلىڭلار توشقاندا ئاللاھ جېنىڭلارنى ئالىدۇ | |
ئاندىن كېيىن تىرىلدۈرىدۇ ئاندىن كېيىن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ھېساپ بېرىش ئۈچۈن قايتۇرۇلىسىلەر | |
ئاللاھ يەر يۈزىدىكى ھەممە نەرسىنى سىلەر نىڭ پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن ياراتتى | |
ئاندىن ئاسماننى يارىتىشقا يۈزلىنىپ ئۇنى قۇسۇرسىز يەتتە ئاسمان قىلىپ تاماملىدى | |
ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر | |
ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە مەن يەر يۈزىدە خەلىپە يارىتىمەن دېدى | |
يەنى يەر يۈزىدە ئورۇنباسار يارىتىمەن دېدى | |
پەرىشتىلەر يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىدىغان قان تۆكىدىغان شەخىسنى خەلىپە قىلامسەن |
This dataset is from https://github.com/gheyret/UQSpeechDataset
{UQSpeech,
author = {Gheyret Kenji},
title = {UQ Awaz Ambiri},
howpublished = {https://github.com/gheyret/UQSpeechDataset/},
year = 2019
}